960-90

راستىنلا 3-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلامدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى : 2017-01-12 14:25ئاۋاتلىقى : 1841 تۈرى : ئۇيغۇرچە

     

    مەنبە: يەر شارى تورى 12-يانۋار خەۋىرى

    ئەنگلىيە YouGov شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربتىكى 9 دۆلەتتە بىر تۈرلۈك ئەلرايى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، غەرب دۆلەتلىرىدىكى پۇقرالار يەر شارى 3-قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى گىرۋەكلىرىگە يېقىنلىشىپ قالدى دەپ قارايدىكەن.

    رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ قىسىم ئامېرىكا پۇقرالىرى 3-قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ دەپ قارايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى %64 زىيارەت قىلىنغۇچى دۇنيا زور كۆلەملىك قوراللىق توقۇنۇش بوسۇغىسىغا يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ دەپ قارىغان، پەقەت %15 زىيارەت قىلىنغۇچىلا بۇنىڭ ئەكسىچە كۆز قاراشتا بولغان. زىيارەت قىلىنغۇچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: پارتلاش ئېھتىماللىقى بولغان ئۇرۇش تېررورىزم تەھدىتى، سۇرىيە ۋە پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان قوراللىق توقۇنۇش سەۋەبىدىن پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

    ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %61 زىيارەت قىلىنغۇچى مۆلچەرلەپ، 3-قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ دەپ قارىغان، پەقەت %19 زىيارەت قىلىنغۇچىلا بۇنىڭ ئەكسىچە كۆز قاراشتا بولغان.

    YouGov شىركىتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مۇنداق دېگەن: فىرانسىيە ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ 3-دۇنيا ئۇرۇش ۋەھىمىسى تۇيغۇسىنىڭ سەۋەبى ئوخشىمايدۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ قورقۇشى تىرامپنىڭ سىياسىي پوزىتسىيەسىنىڭ تۇراقسىزلىقى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما فىرانسىيەلىكلەرنىڭ قورقۇۋاتقىنى تېررورىزم تەھدىتى، %81 زىيارەت قىلىنغۇچى فىرانسىيەدە ئۇزۇنغا قالماي يېڭى تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بېرىدۇ دەپ قارايدۇ.

يېقىندا يېڭىلانغانلىرى
  • Voha-Voha-Farhod va Shirin
  • ئەسكى -aski_ablajan
  • Andreea D -Rompedon
  • Akcent -Rain
  • Obbosan-Bunyodbek Saidov
  • Telusaa
  • ئىشىق-نازۇگۇم ئايوپوۋا
  • ئەي يۈزلىرىڭ ئاي كۆزچە
  • سەۋەپسىز-Sawapsiz
  • 24 سائەت ئىچىدىكى 10 چوڭ خەلقئارا خەۋەر: 25-فېۋرال
    24 سائەت ئىچىدىكى 10 چوڭ خەلقئارا خەۋەر: 25-فېۋرال
  • ئاقساراي نۇقتىلىق تاراتقۇلارنى چاقىرماي مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىپ، نارازىلىق قوزغىدى
    ئاقساراي نۇقتىلىق تاراتقۇلارنى چاقىرماي مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىپ، نارازىلىق قوزغىدى
  • كۇۋەيت خەلقى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى
    كۇۋەيت خەلقى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى
  • تىرامپ پېرۇ زۇڭتۇڭى كۇچىنىسكىي بىلەن كۆرۈشتى
    تىرامپ پېرۇ زۇڭتۇڭى كۇچىنىسكىي بىلەن كۆرۈشتى
  • سەئۇدى ئەرەبسىتان پادىشاھ ئابدۇللا پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا نەزەر
    سەئۇدى ئەرەبسىتان پادىشاھ ئابدۇللا پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا نەزەر
  • ئىران بىلەن رۇسىيە بىرلىشىپ يادرو يېقىلغۇسى ئىشلەپچىقىرىش «لىنىيە خەرىتىسى» تۈزدى
    ئىران بىلەن رۇسىيە بىرلىشىپ يادرو يېقىلغۇسى ئىشلەپچىقىرىش «لىنىيە خەرىتىسى» تۈزدى
  • ھىلارىنى قوللايدىغان تور بېكەت ھىلارىنىڭ زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغانلىق مەۋھۇم دۇنياسى قۇرۇپ چىقتى
    ھىلارىنى قوللايدىغان تور بېكەت ھىلارىنىڭ زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغانلىق مەۋھۇم دۇنياسى قۇرۇپ چىقتى
  • ئىككى قىز ئوقۇغۇچىغا باسقۇنچىلىق قىلىپ ئۆلتۈرگەن ئەرگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى
    ئىككى قىز ئوقۇغۇچىغا باسقۇنچىلىق قىلىپ ئۆلتۈرگەن ئەرگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى
  • پاكىستان ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلانغا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالغانلىقىنى دەلىللىدى
    پاكىستان ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلانغا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالغانلىقىنى دەلىللىدى
  • تىرامپنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا پىلان تۈزگەنلىكى ئاشكا
    تىرامپنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا پىلان تۈزگەنلىكى ئاشكا
×
ezdax
Powered by PHPvod 2.6 Standard