960-90

تىرامپ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىغا تور ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

يوللانغان ۋاقتى : 2017-01-12 14:24ئاۋاتلىقى : 620 تۈرى : ئۇيغۇرچە

     

    مەنبە:   شىنخۇا تورى 12-يانۋار خەۋىرى

    ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان تىرامپ 11-يانۋار رۇسىيەنىڭ ئۆتكەن يىلقى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە دېموكراتلار پارتىيەسىگە تور ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئەمما بۇندىن ئىلگىرى ئۇ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدىكى ھۆكۈمىنى ئىزچىل قوبۇل قىلماي كەلگەن ئىدى.

    شۇ كۈنى تىرامپ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن نىيۇيوركتا ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: خاككېرلار ھۇجۇمى مەسىلىسىدە مەن بۇنى رۇسىيەنىڭ قىلمىشى دەپ قارايمەن، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەن ئامېرىكىنى ئىزچىل نۇرغۇنلىغان دۆلەت ۋە شەخسلەرنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتىدۇ دەپ قارايمەن. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياخشى تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرى نەچچە كۈن ئىلگىرى تىرامپقا رۇسىيەنىڭ تور ھۇجۇمى ئارقىلىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قول تىققانلىقىنى دوكلات قىلغاندا، بىر مەخپىي دوكلاتنىڭ ئارقىسىغا ئىككى پارچە مۇھىم مەزمۇننى قىستۇرۇپ قويغان بولۇپ، بۇنىڭدا تىرامپنىڭ رۇسىيەدىن ئاگاھ بولۇشى كېرەكلىكى، چۈنكى رۇسىيەنىڭ تىرامپنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ۋە مالىيە ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك تىرامپقا قارا سۈركەيدىغان ماتېرىياللارغا ئېرىشكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

يېقىندا يېڭىلانغانلىرى
  • مېنى سۆي
  • HANNY
  • Si Nje Trendafil
  • Badri Ki Dulhania
  • Hadicha - Oh yurak
  • Ghady - Wayli
  • NEBUNA TA
  • مەن ساراڭ-ئالىمجان توختى
  • مەن ئىدىم-ئالمجان ھەسەن
  • ياۋرو-ئامېرىكىدا كالىنىڭ بەدىنىگە تۆشۈك ئېچىپ قويۇلدى
    ياۋرو-ئامېرىكىدا كالىنىڭ بەدىنىگە تۆشۈك ئېچىپ قويۇلدى
  • ج خ ئورگانلىرىغا 1300 خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدۇ
    ج خ ئورگانلىرىغا 1300 خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدۇ
  • 8 پۇت-قولى بار ئىراقلىق ئوغۇل بوۋاق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوپېراتسىيە قىلىندى
    8 پۇت-قولى بار ئىراقلىق ئوغۇل بوۋاق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوپېراتسىيە قىلىندى
  • ئالتە خوتۇن ئالغان بوۋاي «خوتۇنپۇرۇش» ئاتالدى
    ئالتە خوتۇن ئالغان بوۋاي «خوتۇنپۇرۇش» ئاتالدى
  • پاكىستاننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ تېمپىراتۇرىسى 45 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى
    پاكىستاننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ تېمپىراتۇرىسى 45 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى
  • ماتىس: ئىران ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا
    ماتىس: ئىران ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا
  • فىلىپپىن توردا قىمار كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 38 نەپەر جۇڭگولۇق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى
    فىلىپپىن توردا قىمار كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 38 نەپەر جۇڭگولۇق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى
  • شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» مۇنبەر پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ
    شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» مۇنبەر پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ
  • «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات» يۈرۈشلۈكىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىملىرىدىكى گۈزەل مىنۇتلار
    «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات» يۈرۈشلۈكىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىملىرىدىكى گۈزەل مىنۇتلار
  • «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات 8»نىڭ بېلەت كىرىمى 1 مىليارد دوللاردىن ئېشىشى مۇمكىن
    «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات 8»نىڭ بېلەت كىرىمى 1 مىليارد دوللاردىن ئېشىشى مۇمكىن
×
ezdax
Powered by PHPvod 2.6 Standard