960-90

ئامېرىكا رۇسىيەگە ئومۇميۈزلۈك ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

يوللانغان ۋاقتى : 2017-01-10 13:00ئاۋاتلىقى : 1081 تۈرى : ئۇيغۇرچە

     

    مەنبە:  جۇڭگو ئاخبارات تورى 10-يانۋار خەۋىرى

    رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قول تىققانلىقى سەۋەبىدىن، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە ئومۇميۈزلۈك ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

    ئىگىلىنىشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى يوھان مەيكېن ۋە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بېنجېمىن فېكىست ۋە روبېرت مېنىندىز بۇ پىلاننى ئېلان قىلغان.

    ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى «ماگىنىتىسكى قانۇنى» غا ئاساسەن بەش نەپەر رۇسىيە پۇقراسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇلار رۇسىيە رازۋېدكا كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالېكساندىر باستىرىكېننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

    ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى 6-يانۋار بىرلەشمە دوكلات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قول تىققانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىدى، ئەمما ئۇلار بۇ ئىش توغرىسىدا ھەر قانداق پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى رەت قىلدى. دوكلاتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئاخبارات تارماقلىرى رۇسىيەنىڭ سايلامغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى توغرىسىدا مەخپىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، رۇسىيەنىڭ تېلېۋىزىيە خەۋىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارنىڭ %50 تىنىڭ رۇسىيە RT تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان.

يېقىندا يېڭىلانغانلىرى
  • سىغىنىپ قالىسەن
  • ئاشىق ئارزۇسى-گۈلمىرە
  • يامغۇر
  • Sensiz  xayo't meng ge kerak emas
  • Sezmaymen
  • Omap CEH
  • سىنى سىغىندىم-
  • كۆڭلۈم
  • چۈشۈم
  • فرانسىيەدە 15 مىليون ياۋرو قىممىتىدىكى ئۈنچە-مەرۋايىت بۇلاپ كېتىلدى
    فرانسىيەدە 15 مىليون ياۋرو قىممىتىدىكى ئۈنچە-مەرۋايىت بۇلاپ كېتىلدى
  • بۇ يىل ئىككى دۆلەت لايىھەسىنى يۈرگۈزىدىغان ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت
    بۇ يىل ئىككى دۆلەت لايىھەسىنى يۈرگۈزىدىغان ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت
  • چاۋشيەن يېڭى تىپتىكى قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرىشكە تەييارلاندى
    چاۋشيەن يېڭى تىپتىكى قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرىشكە تەييارلاندى
  • ھىندىستانلىق 12 ياشلىق قىزچاق مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئۈچ ئوقۇتقۇچىنىڭ جىنسىي تاجاۋۇزىغا ئۇچرىدى
    ھىندىستانلىق 12 ياشلىق قىزچاق مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئۈچ ئوقۇتقۇچىنىڭ جىنسىي تاجاۋۇزىغا ئۇچرىدى
  • پاكىستاندا بىر قىزنى ئانىسى بىلەن ئاكىسى كىرسىندا ئوت قويۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى
    پاكىستاندا بىر قىزنى ئانىسى بىلەن ئاكىسى كىرسىندا ئوت قويۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى
  • سىنوۋدېن: ئوبامانىڭ مەننىڭنىڭ جازاسىنى كېمەيتكەنلىكىگە مىڭ رەھمەت
    سىنوۋدېن: ئوبامانىڭ مەننىڭنىڭ جازاسىنى كېمەيتكەنلىكىگە مىڭ رەھمەت
  • دۇنيادىكى بۇ مۇھىم تەشكىلاتلارنى بىلۋېلىڭ
    دۇنيادىكى بۇ مۇھىم تەشكىلاتلارنى بىلۋېلىڭ
  • كىم يەر شارىدىكى تۇنجى تىرىليونېرغا ئايلىنىدۇ
    كىم يەر شارىدىكى تۇنجى تىرىليونېرغا ئايلىنىدۇ
  • مېكسىكا شەھرىدىكى مەكتەپتىكى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە بىر ئادەم ئۈلۈپ 4 ئادەم يارىلاندى
    مېكسىكا شەھرىدىكى مەكتەپتىكى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە بىر ئادەم ئۈلۈپ 4 ئادەم يارىلاندى
  • ئوباما ئاقسارايدا ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى
    ئوباما ئاقسارايدا ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى
×
ezdax
Powered by PHPvod 2.6 Standard