960-90

ئوباما بۈگۈن ئاقسارايدىن ئايرىلىش سەپىرىنى باشلايدۇ

يوللانغان ۋاقتى : 2017-01-10 12:50ئاۋاتلىقى : 1062 تۈرى : ئۇيغۇرچە


    مەنبە:  جۇڭگو ئاخبارات تورى 10-يانۋار خەۋىرى


    ئامېرىكا ۋاقتى 10-يانۋار كەچتە ئوباما چىكاكودا ۋىدالىشىش نۇتۇقى سۆزلەپ، 8 يىللىق زۇڭتۇڭلۇق ھاياتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلايدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ تىرامپ دەۋرىگە كىرىدىغان 10 كۈنلۈك تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


    بۇندىن ئىلگىرىكى ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئوق-دورا پۇرىقى ئەڭ كۈچلۈك بىر قېتىملىق ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى تىرامپ تەختكە چىقىشتىن ئىلگىرىلا ئوباما ئوتتۇرىغا قويغان سىياسەتلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كۆرۈشىگە ئۆزىنى ئاتىۋەتتى، ئوباما بولسا ئەڭ ئاخىرقى پەيتلەردىمۇ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ تىرامپقا قارشى تۇردى. شەنبە كۈنى نەچچە مىڭ چىكاكو خەلقى قاتتىق سوغۇققا قارىماي تاڭ سەھەردىلا ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئوبامانىڭ ۋىدالىشىش نۇتۇقىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى سېتىۋالدى. ئانالىزچىلار مۇنداق دېدى: بۇ ئۆتكەنكى بىر يىلدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ تۆۋەن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن بولدى، شۇڭلاشقا كىشىلەر «ياخشى ئادەم» ئوبامانىڭ دەۋرىنى تېخىمۇ سېغىندى. ئەپسۇسكى ئوبامانىڭ ئەمەلىي كۈچى يېتەرسىز بولۇپ قالدى، ئەمما ئاقساراي ئەمەلىي كۈچكە تايىنىدىغان ئورۇن، پەقەت نۇتۇق سۆزلەپلا ھەممە ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.


    جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى جىن شەنگۇاڭ 9-يانۋار يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: گەرچە كىلىنتون ئەر-ئايال تىرامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنسىمۇ، بىراق ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى پارچىلىنىش تىرامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى بىلەنلا ئاخىرلاشمايدۇ. بىر مۇقىمسىز تىرامپ ۋە پارچىلانغان ئامېرىكا، پۈتكۈل دۇنيا دەككە-دۈككە ئىچىدە 1-ئاينىڭ 20-كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتمەكتە.

يېقىندا يېڭىلانغانلىرى
  • NEBUNA TA
  • مەن ساراڭ-ئالىمجان توختى
  • مەن ئىدىم-ئالمجان ھەسەن
  • سالام سۆيگۈ
  • Moter e Vella
  • Boll Mo
  • شاھانەيىم
  • سۆيەرسەن-Hande Yener
  • سىنى سىغىندىم
  • رۇسىيەلىكلەرنىڭ ئادىداس ماركىسىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
    رۇسىيەلىكلەرنىڭ ئادىداس ماركىسىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
  • 24 سائەت ئىچىدىكى 10 چوڭ خەلقئارا خەۋەر: 17-مارت
    24 سائەت ئىچىدىكى 10 چوڭ خەلقئارا خەۋەر: 17-مارت
  • ھىندىستان ۋېيتنام ئەسكەرلىرىنى ئورمان ئۇرۇشى مەشىق تۈرىدە تەربىيەلەۋاتىدۇ
    ھىندىستان ۋېيتنام ئەسكەرلىرىنى ئورمان ئۇرۇشى مەشىق تۈرىدە تەربىيەلەۋاتىدۇ
  • ئەردوغان ياۋروپادىكى تۈركىيەلىكلەرنىڭ 5 بالىلىق بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى
    ئەردوغان ياۋروپادىكى تۈركىيەلىكلەرنىڭ 5 بالىلىق بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى
  • سومالى مۇساپىرلار كېمىسى قىزىل دېڭىزدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ 42 ئادەم قازا قىلدى
    سومالى مۇساپىرلار كېمىسى قىزىل دېڭىزدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ 42 ئادەم قازا قىلدى
  • ﺗﺮﺍﻣﭙﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟
    ﺗﺮﺍﻣﭙﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟
  • تىرامپنى ئوغرىلىقچە تىڭشاش ئىشىغا ئەنگىلىيەمۇ چېتىلىپ قالدى
    تىرامپنى ئوغرىلىقچە تىڭشاش ئىشىغا ئەنگىلىيەمۇ چېتىلىپ قالدى
  •   جۇڭگو ئاخبارات تورى 18-مارت خەۋىرى:  18-مارت جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋا
      جۇڭگو ئاخبارات تورى 18-مارت خەۋىرى:  18-مارت جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋا
  • قىرىم سۆھبىتىنىڭ «پۇرچىقى پىشمىدى»، ئامېرىكا رۇسىيەگە داۋاملىق جازا يۈرگۈزمەكچى
    قىرىم سۆھبىتىنىڭ «پۇرچىقى پىشمىدى»، ئامېرىكا رۇسىيەگە داۋاملىق جازا يۈرگۈزمەكچى
  • پىرۇدا ئۇدا ياغقان قاتتىق يامغۇر كەلكۈن پەيدا قىلىپ 67 ئادەم قازا قىلدى
    پىرۇدا ئۇدا ياغقان قاتتىق يامغۇر كەلكۈن پەيدا قىلىپ 67 ئادەم قازا قىلدى
×
ezdax
Powered by PHPvod 2.6 Standard